三年级下册第二单元教案(维语文).doc
《三年级下册第二单元教案(维语文).doc》由会员分享,可在线阅读,更多相关《三年级下册第二单元教案(维语文).doc(20页珍藏版)》请在咨信网上搜索。
2015-2016-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈملۈك 3-يىللىق تىل-ئەدەبىيات سائەتلىك دەرسپىلانى دەرس ئۆتكۈچى: ئاينۇر مۇھەممەد چاقىلىق ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2016-يىل2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاينۇر مۇھەممەد دەرس ئۆتكۈچى 2-ھەپتە 5-سائەت(جۈمە ) ھەپتە 2016-يىل 3-ئاينىڭ11-كۈنى ۋاقتى 2-بۆلەك : 5.قارلىغاچلار مەخسۇس پويىزى كىتاپ16-17-18-بەت دەرس تىمىسى 1.تىكىستنى توغرا ،راۋان ھىسياتلىق ئوقۇش ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش. 2.تىكىست ئىچدىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈش ۋە ئەمىليەتتە توغرا قوللىنىش. 3.ئىنسانلار بىلەن قارلىغاچنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىنى چۈشۈنۈش. ئوقۇتۇش نىشانى تىكىستنى توغرا ،راۋان ھىسياتلىق ئوقۇش ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش. مۇھىم نوقتا تىكىست ئىچدىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈش ۋە ئەمىليەتتە توغرا قوللىنىش. قىيىن نوقتا دەرسلىك دېتالى كېرەكلىك سايمانلار قارلىغاچلار ئادەتتە قانداق جايلاردا ياشايدۇ؟ سىلەرچە قارلىغاچ پايدىلىق قۇشمۇ ياكى زىيانلىق قۇشمۇ؟ سىلەر قارلىغاچنىڭ پۇيىزغا چىققىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئىكراندا قارلىغاچنىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىدۇ. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش 1. ئالدى بىلەن تىكىستنى ئىختىيارى ھالدا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقايلى . 2. تىكىستنى ئابزاسلار بويىچە نۆۋەتلىشىپ ئوقۇپ چىقايلى،ئوقۇغاندا تىنىش بەلگىلەرگە دىققەت قىلايلى . 3.ئوقۇتقۇچى بىر قېتىم تىكىستنى ئوقۇپ ئۈلگە كۆرسىتىدۇ. 4تىكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقايلى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىۋالايلى. يېڭى سۆزلەر ۋە مەنىسى: 1)ۋاگزال: پويىز ئىستانسىلىرىدىكى چوڭ بىنا،ئىستانسا ئىچى. 2)تالاپەتكە ئۇچراش: ئاپەتكە ئۇچراش . 3)قىرىلىپ كىتىش:ئۆلۈش،ئۆلۇپ تۈگەش. 4)نەشتەردەك سوغۇق : زىمىستان سوغۇق . 5.يۇقارقى يېڭى مەنىلىك سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈش ئارقىلىق مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىۋالايلى. ( ئوقۇغۇچىلار جۈملە تۈزۈپ بېقىشقا تەشكىللىنىدۇ ) يېڭى بىلىمنى ئوقۇتۇش جەريانى بۇ تىكىستتە ئادەملەرنىڭ قارلىغاچلارنى تالاپەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدا كۆرسەتكەن ئاجايىپ باتۇرلىقى سۆزلەنگەن. خۇلاسە تىكىستتىن ئىنسانلارنىڭ قارلىغاچلارنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن قىلغان ياخشى ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەن جۈملىدىن ئىككىنى يېزىپ كىلىڭلار تاپشۇرۇق ئاينۇر مۇھەممەد دەرس ئۆتكۈچى 3-ھەپتە 1-سائەت(دۇشەنبە ) ھەپتە 2016-يىل 3-ئاينىڭ14-كۈنى ۋاقتى 5. قارلىغاچلار مەخسۇس پويىزى كىتاپ16-17-18-بەت دەرس تىمىسى 1.تىكىستنى توغرا ،راۋان ھىسياتلىق ئوقۇش ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش. 2.تىكىستنى ئوقۇش ئارقىلق ئىنسانلارنىڭ قۇشلارغا بولغان يۈكسەك مىھرىبانلىقىنى چۈشۈنۈش. 3.قۇشلارنى ئاسراش،تەبىئەتنى قوغداش ۋە باشقىلارنى ھايۋانلارنى قوغداشقا چاقىرىش ھىسياتىغا كىلىش. ئوقۇتۇش نىشانى ئىنسانلارنىڭ قۇشلارغا بولغان يۈكسەك مىھرىبانلىقىنى چۈشۈنۈش مۇھىم نوقتا قۇشلارنى ئاسراش،تەبىئەتنى قوغداش ۋە باشقىلارنى ھايۋانلارنى قوغداشقا چاقىرىش ھىسياتىغا كىلىش. قىيىن نوقتا دەرسلىك دېتالى،كۆرسەتمىلىك رەسىم. كېرەكلىك سايمانلار قۇشلار نېمە ئۈچۈن باھار پەسلىدە بىزنىڭ يۇرتىمىزغا ئۇچۇپ كېلىدۇ؟ نىمىشقا بۇ قارلىغاچلارنى پويىز بىلەن ئاپىرىپ قويماقچى بولغاندۇ؟ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش 1.تىكىستى ئابزاسلار بويىچە ئوقۇپ مەزمۇنىنى چۈشۈنۈشكە يىتەكلىنىدۇ . 1-ئابزاستا: شىۋىتسارىيەنىڭ پويىز ۋاگزالىدا كىشىلەرنىڭ ئۆزگىچە مىھمان قارلىغاچلارنى ئۇزاتماقچى بولۇشقانلىقى سۆزلەنگەن . 2-ئابزاستا: ئەسلىدە تۈمەنلىگەن قارلىغاچلارنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا شىۋىتسارىيەدە تالاپەتكە ئۇچراپ نۇرغۇنلىرى ئۆلۈپ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى سۆزلەنگەن. 3-ئابزاستا: ھۆكۈمەت تەرەپتىن كىشىلەرنى قارلىغاچلارنى قۇتقۇزىۋېلىشقا چاقىرغانلىقى، كىشىلەرنىڭ قارلىغاچلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغانلىقى سۆزلەنگەن . 4-ئابزاستا: بېتتى ئىسىملىك قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارلىغاچ ئىزدىگىلى چىققانلىقى ،ھاۋا شۇنچە سوغۇق بولسىمۇ بەرداشلىق بەرگەنلىكى سۆزلەنگەن. 5-ئابزاستا : قارلىغاچلارنىڭ پويىز بىلەن ئىسسىق جايلارغا يولغا چىققانلىقى سۆزلەنگەن . 2.بۇ تېكىست مەزمۇنىدىن قانداق چۈشەنچىگە كەلدىڭلار؟ نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭلار؟ قېنى قايسىڭلار ھېس قىلغانلىرىڭلارنى سۆزلەپ باقىسىلەر؟ (ئوقۇغۇچىلار چۈشەچىسىنى سۆزلەشكە يىتەكلىنىدۇ ) يېڭى بىلىمنى ئوقۇتۇش جەريانى 1.بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇڭ: پويىز قوزغالدى. ( ) قاچىلانغان پويىز ئىنسانلارنىڭ ( ) نى ئېلىپ يىراقلارغا يۈرۈپ كەتتى.ۋاگۈنلاردىكى ئىنسانلارغا ( ) ئېيتىۋاتقاندەك ( ) ۋىچىرلىشاتتى. 2.بىتتىغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزىڭىز بار؟ دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچى بۇ تىكىستتە ئىنسانلارنىڭ قۇشلارغا بولغان يۈكسەك مىھرىبانلىقى ئىپادىلىنىپلا قالماستىن يەنە كىشىلەرنى قۇشلارنى ئاسراشقا،ھايۋانلارنى قۇغداشقا چاقىرغان. خۇلاسە تىكىست ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قارلىغاچلارغا غەمخورلۇق قىلىنغانلىقى ئىپادىلەنگەن جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ كىلىڭ . تاپشۇرۇق 5. قارلىغاچلار مەخسۇس پويىزى 1. كىشىلەر ۋاگزالدا قارلىغاچلارنى ئوزاتماقچى بولۇشتى. 2 .قارلىغاچلار تالاپەتكە ئۇچراپ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان . 3.كىشىلەر قارلىغاچلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىق قىلىندى. 4.بىتتى ئاتا-ئانىسى بىلەن قارلىغاچلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. 5.قارلىغاچلار پويىز بىلەن ئىسسىق جايلارغا يولغا سېلىندى. دوسكا لاھىيەسى دەرستىن كىيىنكى مۇلاھىزە ئاينۇر مۇھەممەد دەرس ئۆتكۈچى 3-ھەپتە 2-سائەت(سەيشەنبە ) ھەپتە 2016-يىل 3-ئاينىڭ15-كۈنى ۋاقتى 6. بوۋامنىڭ چۆچىكى كىتاپ19-20-21-22بەت دەرس تىمىسى 1. تىكىستنى توغرا،راۋان ئوقۇش ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش. 2. تىكىستنى ئوقۇپ كامالنىڭ قەپەستىكى قۇشلارغا ئىچ ئاغرىتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنۈش. 3. ئىنسانلارنىڭ ،تەبىئەتنىڭ قۇشلاردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى شۇڭا قۇشلارنى ئاسراش كېرەكلىگى ھەققىدە تەربىيەگە ئىگە بولۇش. ئوقۇتۇش نىشانى تىكىستنى ئوقۇپ كامالنىڭ قەپەستىكى قۇشلارغا ئىچ ئاغرىتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنۈش. مۇھىم نوقتا 4. ئىنسانلارنىڭ ،تەبىئەتنىڭ قۇشلاردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى شۇڭا قۇشلارنى ئاسراش كېرەكلىگى ھەققىدە تەربىيەگە ئىگە بولۇش. قىيىن نوقتا دەرسلىك دېتالى كېرەكلىك سايمانلار سىلەر قايسى قۇشلارنى بىلىسىلەر؟ سىلەر ئېيتقان بۇ قۇشلارنىڭ قايسىلىرى ئىنسانلارغا پايدىلىق قايسىلىرى پايدىسىز؟ سىز قايسى قۇشنى ياخشى كۆرىسىز؟ نىمىشقا ياخشى كۆرىسىز؟ (ئىكراندا ھەر خىل قۇشلار كۆرسىتىلىدۇ) يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش 1. ئالدى بىلەن تىكىستنى كۆز يۈگۈرتۈپ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقايلى . 2. تىكىستنى ئابزاسلار بويىچە نۆۋەتلىشىپ ئوقۇپ چىقايلى،ئوقۇغاندا تىنىش بەلگىلەرگە دىققەت قىلايلى . 3.تىكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقايلى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىۋالايلى. يېڭى سۆزلەر ۋە مەنىسى: (ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ) 1)كىزىپ يۈرۈش: ئارىلاپ يۇرۇش 2) بىئەجەل: ئەجەل يەتمەستىن،ۋاقتى توشماي 3) ئىختىيارسىز: خاھىشىدىن ،ئۆز ئىختىيارى ئەمەس 4) ئەجەپلىنىش: ھاڭ-تاڭ قېلىش،تەئەججۈپلىنىش 4.سۇئاللار ئاساسىدا تىكىست مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈشكە يىتەكلىنىدۇ. 1)كامال بوۋىسىنىڭ چۆچىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قانداق ھىسياتقا كەلدى؟ سىز قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز؟ 2)كامال نىمە ئۈچۈن قۇشنى پۇلغا سېتىۋالغان تۇرۇپمۇ يەنە قۇيۇپ بەردى؟ 3) قۇشلارنى ئاسراش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ قۇشلارنى ئاسراشتا قىلماقچى بولغان پىلانىڭىزنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭ. 4) ئاخىرىدا كامال كىشىلەرگە نىمە دىگەندۇ؟ يېڭى بىلىمنى ئوقۇتۇش جەريانى تۆمۈر تۇمشۇق،ھوۋقۇش، قارىغۇجا،قۇشقاچلارنىڭ ئىنسانلارغا پايدىلىق رولىنى سۆزلەپ بېقىڭ. دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچى ئانا تەبىئەت،ئىنسانلار قۇشلارغا مۇھتاج،قۇشلار بولغاچقا تەبىئەت شۇنچە گۈزەل. قۇشلارنى ئاسراش ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. خۇلاسە ئاتا-ئانىڭىزدىن قۇشلارنىڭ ئىنسانلارغا يەنە قانداق پايدىلىق رولى بار سوراپ خاتىرلەپ كىلىڭ. تاپشۇرق 6. بوۋامنىڭ چۆچىكى تۆمۈر تۇمشۇق:- دەل-دەرەخلەردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى يەپ كىسەلدىن ساقلايدۇ. ھۇقۇش:- چاشقاننى يەيدۇ. قارىغۇجا:-چىكەتكىنى يوقۇتىدۇ. قۇشقاچلار:-كىچىك زىيانداشلارنى يەيدۇ. دوسكا لاھىيەسى دەرستىن كىيىنكى مۇلاھىزە ئاينۇر مۇھەممەد دەرس ئۆتكۈچى 3-ھەپتە 3-سائەت(چارشەنبە ) ھەپتە 2016-يىل 3-ئاينىڭ16-كۈنى ۋاقتى 7. بىر كەنت ھەققىدە ھىكايە كىتاپ23-24-25-بەت دەرس تىمىسى 1.تىكىستنى توغرا ،راۋان ھىسياتلىق ئوقۇش ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش. 2.تىكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈش ۋە ئەمىليەتتە توغرا قوللىنىش. 3. دەرس مەزمۇنىنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەش، تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەتنى سۆيۈش ھىسياتىغا ئىگە بولۇش. ئوقۇتۇش نىشانى تىكىستنى توغرا ،راۋان ھىسياتلىق ئوقۇش ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش. مۇھىم نوقتا تىكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈش ۋە ئەمىليەتتە توغرا قوللىنىش. قىيىن نوقتا دەرسلىك دېتالى،كۆرسەتمىلىك رەسىم. كېرەكلىك سايمانلار ساۋاقداشلار، سىلەر كۆچەت تىكىشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ كۆچەت تىكىپ باققانمۇ؟ كۆچەتلەرنى قانداق پەرۋىش قىلىشىمىز لازىم؟ تەبىئەتنى كۆكەرتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز لازىم؟ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش 1.تىكىستنى ئوقۇشتىن ئاۋال كىتاپتا بىرىلگەن رەسىمنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ باقايلى. 2.تىكىستنى بىر قېتىم ئىختىيارى ئوقۇپ چىقايلى. 3.ئوقۇتقۇچى ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بىرىدۇ 4.تىكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىشقا ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنىۋېلىشقا يىتەكلىنىدۇ. يېڭى سۆزلەر ۋە مەنىسى: 1)بوقۇسا:-يەر ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر خىل سايمان. 2)تاقىر يەر:-گىياھ ئۈنمەيدىغان يەر. 3) غايىپ بولۇش:- كۆرۈنمەيدىغان،كۆز ئالدىدا بولمىغان ،يۇقىلىپ كەتكەن. 5. تۆۋەندىكى جۈملىنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ باقايلى: مانا ئەمدى ھېچنىمە قالماپتۇ،پالتا بىلەن بەرپا قىلىنغان نەرسىلەر،ھەتتا ئاشۇ ئۆتكۈر پالتىلارمۇ غايىپ بوپتۇ. ( ئۇقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى سۆزلەيدۇ،ئاخىردا خۇلاسە قىلنىدۇ) يېڭى بىلىمنى ئوقۇتۇش جەريانى 1.تىكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇڭ : 1)يىللار ئۆتۈپتۇ ،نەچچە( )ئۆتۈپتۇ،تاغ باغرىدىكى( ) لەر بارغانسىرى ئازىيپ ، ( ) ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپتۇ....قاتار-قاتار( ) لەر ،خىلمۇ-خىل( ) لار،( )دەل-دەرەخلەرنىڭ ئورنىنى ئاپتۇ. 2.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىداش سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېقىڭ: غايىپ بولۇش:- ئەۋلاد:- يالماپ كېتىش:- دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچى بۇ تىكىستتە بىر كەنىتنىڭ ۋەيران بولۇشى ھەققىدىكى ھېكايە ئارقىلىق بىزگە ئۆز يۇرتىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىكىلوگىيلىك مۇھىتنى ئاسراش توغرىسىدا ئىدىيىۋى تەربىيە بىرىدۇ. خۇلاسە كۆچەت تىكىش،مۇھىتنى ئاسراش توغرىسىدا ماقال-تەمسىل توپلاپ كىلىڭ . تاپشۇرۇق 7. بىر كەنت ھەققىدە ھىكايە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈن: كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىمىز. ئورمانلارنى قالايمىقان كەسمەيمىز. گۈزەل تەبىئەتنى ئاسرايمىز دوسكا لاھىيەسى دەرستىن كىيىنكى مۇلاھىزە ئاينۇر مۇھەممەد دەرس ئۆتكۈچى 3-ھەپتە4-سائەت(پەيشەنبە ھەپتە 2016-يىل 3-ئاينىڭ17-كۈنى ۋاقتى 7. بىر كەنت ھەققىدە ھىكايە كىتاپ23-24-25-بەت دەرس تىمىسى 1. تىلكىستنى تەكرار ئوقۇش ئارقىلىق مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈش، ئوقۇغاندا راۋان،توغرا،ھىسياتلىق ئوقۇش . 2.كەنىتتە نىمە ئۈچۈن بۇنداق چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولغانلىىقىنى ھىس قىلىش. 3. ئورمان بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش، كۆچەتلەرنى ئاسراش،مۇھىتنى قوغداش كېرەكلىكى ھەققىدە تەربىيەگە ئىگە بولۇش. ئوقۇتۇش نىشانى كەنىتتە نىمە ئۈچۈن بۇنداق چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولغانلىىقىنى ھىس قىلىش. مۇھىم نوقتا ئورمان بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش، كۆچەتلەرنى ئاسراش،مۇھىتنى قوغداش كېرەكلىكى ھەققىدە تەربىيەگە ئىگە بولۇش. قىيىن نوقتا دەرسلىك دېتالى كېرەكلىك سايمانلار كىچىك كەنىتتە قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېقىڭ. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش 1.تىكىستنى كۆز يۈگۈرتۈپ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپ مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈشكە يىتەكلىنىدۇ. 3.تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرلىشىپ باقايلى: كەنت ئەسلى قانداق ئىدى؟ كىيىن قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى؟ نىمە ئۈچۈن بۇنداق چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى؟ 2. گۈزەل كىچىك كەنتنىڭ ئۆزگۈرىش سەۋەبىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىنى تىكىست ئىچىدىن تېپىپ باقايلى ھەم تەھلىل قىلىپ باقايلى؟ (1) قاچانلاردىدۇ ئۆي-ئۆيلەردە پالتىلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ .كىملا ئۆي سالماقچى،بوقۇسا ياسىماقچى بولسا ،پالتىلىرىنى كۆتۈرۈپ تاغقا چىقىپ دەرەخ كېسىدىغان بوپتۇ .مانا مۇشۇنداق قىلىپ ،تاغ باغرىدا تاقىر يەرلەر كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. (2)تاغ باغرىدىكى دەل –دەرەخلەر بارغانسېرى ئازىيىپ ،تاقىر يەرلەر ئۆزلۈكسىز كىڭىيڭپتۇ، قاتار-قاتار ئۆيلەر ،خىلمۇ-خىل سايمانلار ،ئۆي جاھازلىرى دەل-دەرەخلەرنىڭ ئورنىنى ئاپتۇ. دىمەك بۇ جۈملىلەردە چىرايلىق بىر كەنتنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن تاقىرلاشتۇرلۇپ كېتىلگەنلىكى سۆزلىنىش ئارقىلق بىز ئىنسانلارنى دەل –دەرەخلەرنى ئاسراپ ،ئەتراپتىكى مۇھىتنى قوغداپ،ئىكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا چاقىرغان. 4.كەنىتتىكى كىشىلەرگە نىمە دىگۈڭىز كىلۋاتىدۇ؟ يېڭى بىلىمنى ئوقۇتۇش جەريانى 1.تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىلنى داۋاملاشتۇرۇڭ: 1) پەيدا قىلساڭ باغ –ئورمان، 2) دەرەخ تىكسەڭ قاش بولار، ئامەت ياغار( مىڭ پاتمان) ئۇغۇت يىغساڭ( ئاش بولار) 2.تۆۋەندىكى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈڭ: 1)كىملا....بولسا....بوپتۇ. 2).....ھەتتا...... دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچى بۇ تىكىست ئارقىلىق بىز مۇھىتىمىزنىڭ ئۆزىمىز تەرىپىدىن ناچارلىشىشىقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، ئەگەر يەنە دىققەت قىلمىساق ،مۇھىتنىڭ بۇزۇلىشىنى تۇسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. خۇلاسە مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ كىلىڭ. تاپشۇرۇق 7. بىر كەنت ھەققىدە ھىكايە ئىنتايىن گۈزەل بىر كەنت بار ئىدى ← كىشىلەر ئورمانلارنە كىسىپ كەنتنى تاقىر قىلۋەتتى←زور كەلكۈن كىلىپ كەنىتنى ۋە كەنىتتىكى بارلىق كىشىلەرنى يالماپ كەتتى. دوسكا لاھىيەسى ئاينۇر مۇھەممەد دەرس ئۆتكۈچى 3-ھەپتە 5-سائەت(جۈمە ) ھەپتە 2016-يىل 3-ئاينىڭ18-كۈنى ۋاقتى ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ياسالما سۆز كىتاپ28-29-بەت دەرس تىمىسى 1. ياسالما سۆز ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش. 2. ياسالما سۆزلەرنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش. 3. ياسالما سۆز ياساش ئۇسۇللىرىنى بىلىش،ھەم جۈملە ئىچىدىكى ياسالما سۆزلەرنى تۇغرا پەرقلەندۇرۈش. ئوقۇتۇش نىشانى ياسالما سۆزلەرنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش. مۇھىم نوقتا جۈملە ئىچىدىكى ياسالما سۆزلەرنى تۇغرا پەرقلەندۇرۈش. قىيىن نوقتا ئۇقۇتۇش دېتالى كېرەكلىك سايمانلار تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ تۇمۇرى بىلەن قۇشۇمچىسىنى ئايرىپ بېقىڭلار: تارتما ئوقدان ئۇچقۇچى باغلا سۈرتكۈچ قىشلىق بىلىم سۇسىز يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش تۈپ سۆز دىگەن نىمە ئۇ قانداق يېزىلىدۇ؟ تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسالغان سۆزلەر ياسالما سۆز دىيىلىدۇ. مەسىلەن: ئەخلاقلىق ئىنتىزامچان ئۈمىدلىك جۈرئەتلىك ۋەتەنپەرۋەر چايدان ئەخلاق دىگەن سۆز تۇمۇرىغا لىق دىگەن قۇشۇمچە ئۇلىنىش ئارقىلىق ئەخلاقلىق دىگەن يېڭى سۆز ياسىلىپ كەلگەن . چاي دىگەن سۆز تۇمۇرىغا دان دىگەن قۇشۇمچە ئۇلىنىش ئارقىلىق چايدان دېگەن يېڭى مەنىلىك سۆز ياسىلىپ كەلگەن. يېڭى بىلىمنى ئوقۇتۇش جەريانى 1.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ سۆز تۇمۇرى بىلەن قۇشۇمچىسىنى ئايرىپ يېزىڭلار سۆز تۇمۇرى قۇشۇمچىسى ۋاپاسىز ( ) ( ) مىھېرلىك ( ) ( ) ئوقۇغۇچى ( ) ( ) 2. تۆۋەندىكى سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلاردىن پايدىلنىپ ھەر بىرىگە ئىككى ياسالما سۆز ياساڭ چى:- چان:- دان:- سىز:- تۆۋەندىكى جۈملە ئىچىدىكى ياسالما سۆزلەرنى تېپىڭلار. 1)بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان. 2)چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا ،كەچلىك ئۇزۇق تاپ . 3) راستلىىق ــــ ھەقلىق. 4)مىۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن. دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچى دىمەك ،ياسالما سۆزلەر تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلانىڭ ئۇلىنشى بىلەن ياسىلىدۇ خۇلاسە ئۆزەڭلار بىلىدىغان ياسالما سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈپ يېزىپ كىلىڭلار. تاپشۇرۇق د- 配套讲稿:
如PPT文件的首页显示word图标,表示该PPT已包含配套word讲稿。双击word图标可打开word文档。
- 特殊限制:
部分文档作品中含有的国旗、国徽等图片,仅作为作品整体效果示例展示,禁止商用。设计者仅对作品中独创性部分享有著作权。
- 关 键 词:
- 三年级 下册 第二 单元 教案 语文
咨信网温馨提示:
1、咨信平台为文档C2C交易模式,即用户上传的文档直接被用户下载,收益归上传人(含作者)所有;本站仅是提供信息存储空间和展示预览,仅对用户上传内容的表现方式做保护处理,对上载内容不做任何修改或编辑。所展示的作品文档包括内容和图片全部来源于网络用户和作者上传投稿,我们不确定上传用户享有完全著作权,根据《信息网络传播权保护条例》,如果侵犯了您的版权、权益或隐私,请联系我们,核实后会尽快下架及时删除,并可随时和客服了解处理情况,尊重保护知识产权我们共同努力。
2、文档的总页数、文档格式和文档大小以系统显示为准(内容中显示的页数不一定正确),网站客服只以系统显示的页数、文件格式、文档大小作为仲裁依据,个别因单元格分列造成显示页码不一将协商解决,平台无法对文档的真实性、完整性、权威性、准确性、专业性及其观点立场做任何保证或承诺,下载前须认真查看,确认无误后再购买,务必慎重购买;若有违法违纪将进行移交司法处理,若涉侵权平台将进行基本处罚并下架。
3、本站所有内容均由用户上传,付费前请自行鉴别,如您付费,意味着您已接受本站规则且自行承担风险,本站不进行额外附加服务,虚拟产品一经售出概不退款(未进行购买下载可退充值款),文档一经付费(服务费)、不意味着购买了该文档的版权,仅供个人/单位学习、研究之用,不得用于商业用途,未经授权,严禁复制、发行、汇编、翻译或者网络传播等,侵权必究。
4、如你看到网页展示的文档有www.zixin.com.cn水印,是因预览和防盗链等技术需要对页面进行转换压缩成图而已,我们并不对上传的文档进行任何编辑或修改,文档下载后都不会有水印标识(原文档上传前个别存留的除外),下载后原文更清晰;试题试卷类文档,如果标题没有明确说明有答案则都视为没有答案,请知晓;PPT和DOC文档可被视为“模板”,允许上传人保留章节、目录结构的情况下删减部份的内容;PDF文档不管是原文档转换或图片扫描而得,本站不作要求视为允许,下载前自行私信或留言给上传者【仙人****88】。
5、本文档所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用;网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽--等)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。
6、文档遇到问题,请及时私信或留言给本站上传会员【仙人****88】,需本站解决可联系【 微信客服】、【 QQ客服】,若有其他问题请点击或扫码反馈【 服务填表】;文档侵犯商业秘密、侵犯著作权、侵犯人身权等,请点击“【 版权申诉】”(推荐),意见反馈和侵权处理邮箱:1219186828@qq.com;也可以拔打客服电话:4008-655-100;投诉/维权电话:4009-655-100。
1、咨信平台为文档C2C交易模式,即用户上传的文档直接被用户下载,收益归上传人(含作者)所有;本站仅是提供信息存储空间和展示预览,仅对用户上传内容的表现方式做保护处理,对上载内容不做任何修改或编辑。所展示的作品文档包括内容和图片全部来源于网络用户和作者上传投稿,我们不确定上传用户享有完全著作权,根据《信息网络传播权保护条例》,如果侵犯了您的版权、权益或隐私,请联系我们,核实后会尽快下架及时删除,并可随时和客服了解处理情况,尊重保护知识产权我们共同努力。
2、文档的总页数、文档格式和文档大小以系统显示为准(内容中显示的页数不一定正确),网站客服只以系统显示的页数、文件格式、文档大小作为仲裁依据,个别因单元格分列造成显示页码不一将协商解决,平台无法对文档的真实性、完整性、权威性、准确性、专业性及其观点立场做任何保证或承诺,下载前须认真查看,确认无误后再购买,务必慎重购买;若有违法违纪将进行移交司法处理,若涉侵权平台将进行基本处罚并下架。
3、本站所有内容均由用户上传,付费前请自行鉴别,如您付费,意味着您已接受本站规则且自行承担风险,本站不进行额外附加服务,虚拟产品一经售出概不退款(未进行购买下载可退充值款),文档一经付费(服务费)、不意味着购买了该文档的版权,仅供个人/单位学习、研究之用,不得用于商业用途,未经授权,严禁复制、发行、汇编、翻译或者网络传播等,侵权必究。
4、如你看到网页展示的文档有www.zixin.com.cn水印,是因预览和防盗链等技术需要对页面进行转换压缩成图而已,我们并不对上传的文档进行任何编辑或修改,文档下载后都不会有水印标识(原文档上传前个别存留的除外),下载后原文更清晰;试题试卷类文档,如果标题没有明确说明有答案则都视为没有答案,请知晓;PPT和DOC文档可被视为“模板”,允许上传人保留章节、目录结构的情况下删减部份的内容;PDF文档不管是原文档转换或图片扫描而得,本站不作要求视为允许,下载前自行私信或留言给上传者【仙人****88】。
5、本文档所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用;网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽--等)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。
6、文档遇到问题,请及时私信或留言给本站上传会员【仙人****88】,需本站解决可联系【 微信客服】、【 QQ客服】,若有其他问题请点击或扫码反馈【 服务填表】;文档侵犯商业秘密、侵犯著作权、侵犯人身权等,请点击“【 版权申诉】”(推荐),意见反馈和侵权处理邮箱:1219186828@qq.com;也可以拔打客服电话:4008-655-100;投诉/维权电话:4009-655-100。
关于本文